ي پ گ / پ ك ك ئەزاسى بىر تېررورچى ئەنقەرەدە قولغا چۈشۈرۈلدى
سۈرىيەدىن تۈركىيەگە قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق كىرىپ ئەنقەرەگە كەلگەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى بىر تېررورچى خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدىن تۈركىيەگە قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق كىرىپ ئەنقەرەگە كەلگەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى بىر تېررورچى خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلدى ۋە سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىغا ئاساسەن تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىگە يوللاندى.
ساقچىلارنىڭ دىگىتال تەكشۈرۈشلىرى نەتىجىسىدە گۇماندارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ فورمىسىنى كېيگەن ھالدا قوراللىق چۈشكەن فوتو – سۈرەتلىرىنىڭ بارلىقى ئېنىقلاندى. بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاتالمىش كاتتىبېشىنىڭ رەسىمى ئالدىدا چۈشكەن فوتو – سۈرەتلىرىمۇ بايقالغان ۋە بۇ ئارقىلىق كىملىكى ئېنىقلانغان تېررورچىنىڭ سۈرىيەدىكى توقۇنۇش رايونلىرىدا ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكى جەزملەشتۈرۈلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى خاكۇرك رايونىدا ئورنى ئېنىقلانغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 2 تېررورچىنىڭ ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەر نەتىجىسىدە، خاكۇرك رايونىدا ئورنى ئېنىقلانغان پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچىنىڭ ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق بىتەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
باياناتتا، زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.