زەيتۇن شېخى رايونىدا ئىككى تېررورچى قولغا چۈشۈرۈلدى
سۈرىيەدە زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى ئىككى تېررورچى قولغا چۈشۈرۈلدى.
1459870
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا ئەسكەرتىلىشىچە، (تۈركىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 2018 – يىلى ئېلىپ بارغان) زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى ئىككى تېررورچىنىڭ، ھۇزۇر ۋە ئامانلىقنى بۇزۇش مەقسىتىدە تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئېنىلاپ چىقىلغاندىن كېيىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان ھەربىي ھەرىكەت داۋامىدا، تېررورچىلار مەقسىتىگە يېتەلمەستىنلا قولغا چۈشۈرۈلگەن.