ئىراقنىڭ ھافتانىن رايونىدا تېررورىستلارغا زەربە بېرىلدى

شىمالىي ئىراقنىڭ ھافتانىن رايونىدا بايقالغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تۆت ئەزاسى، ھاۋا ھەرىكىتى نەتىجىسىدە بىر تەرەپ قىلىندى.

1458045
ئىراقنىڭ ھافتانىن رايونىدا تېررورىستلارغا زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۋىتتېردا ئىراقنىڭ شىمالىدا ھاۋا ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

باياناتتا، «پەنجە يولۋاس ھەربىي ھەرىكىتى» نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملىشىۋاتقانلىقى، ھافتانىن رايونىدا بايقالغان تۆت تېررورىستنىڭ ھاۋا ھەرىكىتى نەتىجىسىدە بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ئەڭ ئاخىرقى بىر تېررورىست يوقىتىلغىچە ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

بۇ جەرياندا، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ھاككارىدا ئېلىپ بېرىلغان «2-چاقماق جىلو ھەربىي ھەرىكىتى» دە، ئۈچ تېررورىستنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر