شىمالىي ئىراقتا ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زاپ ۋە ئاۋاشىن رايونلىرىدا ئورنى ئېنىقلانغان پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزاسى ئىككى تېررورچى ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىندى.

1457233
شىمالىي ئىراقتا ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، «قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرۇۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىمىز نەتىجىسىدە، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زاپ ۋە ئاۋاشىن رايونلىرىدا ئورنى ئېنىقلانغان پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچى ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىندى. ھەربىي ھەرىكەتلىرىمىز ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنىپ بولغۇچە داۋاملىشىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

مىنىستىرلىقنىڭ يەنە بىر باياناتىدا بولسا، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تېررورچىلار سېپىدىن قېچىپ كەلگەن پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى بىر تېررورچىنىڭ ماردىننىڭ نۇسايبىن ناھىيەسىدىكى چېگرا پونكىتىغا تەسلىم بولغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر