ۋاندا رازۋېدكا ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىپ نۇرغۇن ساقچى شېھىت بولدى

ۋاندا رازۋېدكا ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە ئىككىسى ئۇچقۇچى 7 جامائەت خەۋپسىزلىكى خادىمى شېھىت بولدى.

1456071
ۋاندا رازۋېدكا ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىپ نۇرغۇن ساقچى شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، رازۋېدكا ئايروپىلانىنىڭ ئەنقەرە ۋاقتى كېچە سائەت 3 ئەتراپىدا «ئارتوس تېغى» نىڭ 2200 مېتىرلىق ئېگىزلىكىگە سوقۇلۇپ، چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى،  جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسى قازا تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، پائالىيەتلىرىنى باشلىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شېھىتلىرىمىغا ئاللاھ تائالا رەھمەت تىلەيمەن، خەلقمىزگە تەزىيە بىلدۈرىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر