ئەردوغان يۇقۇم، ئاياسوفيا ۋە ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجانغا قىلغان ھۇجۇمى قاتارلىقلار توغرىسىدا توختالدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ يۇقۇمغا قارشى كۈرىشى، ئاياسوفيا موزېيىنىڭ جامەگە ئايلاندۇرۇلۇشى ۋە ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجان زېمىنغا قىلغان ھۇجۇملىرى توغرىسىدا مۇھىم سۆزلەرنى قىلدى.

1455112
ئەردوغان يۇقۇم، ئاياسوفيا ۋە ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجانغا قىلغان ھۇجۇمى قاتارلىقلار توغرىسىدا توختالدى
Cumhurbaşkanı Erdoğan TRT Özel Ortak Yayın 2.jpg
Erdoğan.1.02.04.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ كوۋىد – 19 يۇقۇمىنىڭ يۈكسەك پەللىسىنى ئارقىدا قالدۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئىچكى كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن بايانات بېرىپ، تۈركىيەنىڭ يۇقۇمغا قارشى كۈرەشتە گۈزەل ئۈلگە بولغانلىقىنى، يۇقۇملانغۇچىلار ۋە قازا قىلغانلار سانىنىڭ قايتىدىن تۆۋەنلەشكە يۈزلىنىشىنىڭ خۇشاللىنارلىق ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ، يۇقۇملانغۇچىلار سانىنى نۆلگە يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن چەكلىمىلەرنىڭ يەنە بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان ئاياسوفيانىڭ قايتىدىن ئىبادەتكە ئېچىلىشى توغرىسىدىكى قارار ئۈستىدە توختىلىپ، ئاياسوفيانىڭ چېركاۋدىن ئەمەس، مۇزېيدىن جامەگە ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى خاتىرىتىلىپ ئۆتتى.

«خانىۋەيران ھالەتتە تاپشۇرۇپ ئېلىنغان ئاياسوفيا جامەسى، بىزگە تەۋە بىر يادىكارلىققا ئايلاندۇرۇلدى» دېگەن ئەردوغان، ئاياسوفيانىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى سالاھىيىتىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «ئاياسوفيا مەسىلىسى باشتا بولۇپ، خەلقىمىزنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ھەقلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردىكى قارارىمىزنى ئۆزىمىز چىقىرىمىز» دېدى.

ياۋروپادا مۇسۇلمان نوپۇسقا توغرا كېلىدىغان ئىبادەتخانا سانى بىلەن تۈركىيەدىكى غەيرىي مۇسۇلمان نوپۇسقا توغرا كېلىدىغان ئىبادەتخانا سانى ئارىلىقىدا 4 – 5 ھەسسە پەرق بارلىقىغا ئىشارەت قىلغان ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ قوش ئۆلچەملەرگە دۇچار بولۇشتىن قۇتۇلالمىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئەرمېنىيەنىڭ، دوست ۋە قېرىنداش ئەزەربەيجانغا قىلغان ھۇجۇمى توغرىسىدىمۇ توختالغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بۇ ھۇجۇملارنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «پۈتكۈل ئىمكانىيەتلىرىمىز بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ يېنىدا تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

ئەردوغان، ئۈستۈن قاراباغ ئىشغال قىلىنغاندىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن سۈركىلىشنىڭ ئەرمېنىيەنىڭ پەرۋاسىز ۋە سىستېمىلىق ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە توقۇنۇشلارغا ئايلىنىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بۇ ھۇجۇم ئەرمېنىيەنىڭ قۇدرىتىدىن ھالقىغان بىر ھادىسە. مەقسەت ئۈستۈن قاراباغ مەسىلىسىگە چارە تېپىشقا توسقۇنلۇق قىلىپ، يېڭى توقۇنۇش ساھەلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشتۇر. تۈركىيە، ئەزەربەيجاننىڭ ھەققىگە، ھوقۇقىغا، زېمىنلىرىغا قىلىنغان ھەر تۈرلۈك ھۇجۇمغا قارشى ئورۇن ئېلىشتىن قەتئىي ئىككىلەنمەيدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر