ئەردوغان بىلەن ترامپ تېلېفوندا كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
1455303
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ترامپ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنى مۇزاكىرىلەشتى ۋە سودا ئومۇمىي سوممىسىنى 100 مىليارد دوللارغا چىقىرىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كېلىشتى.
ئىككى رەھبەر رايوننىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنىمۇ مۇزاكىرىلىشىپ، لىۋىيەنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇھىملىقى ئۈچۈن ئىتتىپاقداش بولۇش سۈپىتى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىش ھەققىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى.