تۈركىيەدە يۇقۇملانغۇچىلار سانى مىڭدىن تۆۋەن بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى بىر قانچە كۈندىن بۇيان ئۇدا مىڭدىن ئاستىدا بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا...

1455782
تۈركىيەدە يۇقۇملانغۇچىلار سانى مىڭدىن تۆۋەن بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە تۈركىيەدە 17 نەپەر ۋۇخەن ۋىرۇسى بىمارى قازا قىلدى. بۇنىڭ بىلەن، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 5419 غا يەتتى.

ئوخشاش ۋاقىتتا سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن 4320  كىشىنىڭ 947 نەپىرىدە يۇقۇم بايقالدى. بالنىستتىن چىققان 1013 كىشىنى قوشقاندا سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر ئومۇمىي سانى 197733 كە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر