قالىن: بەزى دۆلەتلەر فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرىشىمىزدە بىزنى قوللىمىدى

ئىبراھىم قالىن، ت ر ت ۋورلد مۇنبىرىنىڭ «دىگىتال بەس – مۇنازىرىلەر» ناملىق تېلېۋىزىيە يىغىنىغا قاتنىشىپ، 15 – ئىيۇل ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىدىن كېيىنكى تۈركىيەنىڭ ئىچكى – تاشقى سىياسىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە توختالدى.

1455338
قالىن: بەزى دۆلەتلەر فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرىشىمىزدە بىزنى قوللىمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى (فەتۆ)نىڭ 2016 – يىلى 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ يۈز بەرگىنىگە 4 يىل بولغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە ناتودىكى بەزى ئىتتىپاقداشلارنىڭ، ياۋروپادىكى بەزى ئاچقۇچلۇق دۆلەتلەرنىڭ ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ، يۈز بەرگەن ئىشلارنى چۈشىنىپ يېتەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، ت ر ت ۋورلد مۇنبىرىنىڭ «دىگىتال بەس – مۇنازىرىلەر» ناملىق تېلېۋىزىيە يىغىنىغا قاتنىشىپ، 15 – ئىيۇل ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىدىن كېيىنكى تۈركىيەنىڭ ئىچكى – تاشقى سىياسىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە توختالدى.

تۈرك خەلقىنىڭ، 15 – ئىيۇل ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى ئەسناسىدا دېموكراتىيەنى، ئەركىنلىكنى، قانۇننى ۋە سايلانغان ھۆكۈمەتنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن قالىن، «خەلق، ئۇ كېچە ئۆلۈمدىن قورقماستىن كوچىلارغا چىقتى» دېدى.

خەلقنىڭ دېموكراتىيە ۋە پارلامېنتنى قوغداش يولىدىكى جاسارىتى سەۋەبىدىن 15 – ئىيۇلنىڭ، تۈركىيەنىڭ سىياسىي تارىخىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغانلىقىنى تەكىتلىگەن قالىن، «ھەممە كىشى دېموكراتىيەنى قوغداش ئۈچۈن كوچىغا چىقتى. مېنىڭچە بۇ، 2016 – يىلى 15 – ئىيۇل كېچىسى ئىنسانلارنىڭ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىغا قارشى نېمىشقا بۇنداق كۈچلۈك قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكى دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈشىمىز كېرەك بولغان ناھايىتى مۇھىم ئىجتىمائىي بۇرۇلۇشتۇر» دېدى.

ئۇ، 15 – ئىيۇل ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىدا، تۈرك خەلقىنىڭ، تەھدىت قەيەردىن كەلسە كەلسۇن، ھېچكىمگە ئەركىنلىكىنى ۋە دۆلىتىنى تارتىۋېلىش ھەققى بەرمەيدىغانلىقىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ، 15 – ئىيۇل ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر سوئالغا «نۇرغۇن دۆلەتنىڭ، غەربنىڭ ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىنىڭ بىلدۈرگەن ئىنكاسى كۈچلۈك ئۈمىدسىزلىك پەيدا قىلدى. ئالدى بىلەن، بەزىلىرى <كۈتۈپ قاراپ بېقىش> پوزىتسىيەسى بىلەن، سائەتلەرچە، ھەتتا كۈنلەرچە نەتىجىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن ساقلىدى. بۇ ئەھۋال، كىشىلەرنىڭ زېھنىدە <كىمنىڭ غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈشنى كۈتۈش> دېگەن تونۇشنى پەيدا قىلدى، مېنىڭچە بۇ ھازىرمۇ ئوخشاش مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئاللاھ ساقلىسۇن، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشى غەلىبىگە ئېرىشكەن بولسا ئىدى، ئۇلار ئىسيانچىلار بىلەن ھەمكارلىشاتتى» دەپ جاۋاب بەردى.

ئىبراھىم قالىن، بۇنداق بىر ھۇجۇمنى كۆرگەندە تەبىئىي ھالدا دوست ۋە ئىتتىپاقداشلارنىڭ، دېموكراتىيەنىڭ، ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمنىڭ ۋە قانۇننىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى يولىدىكى كۈرەشنى پەقەت سۆز بىلەنلا ئەمەس، كونكرېت قەدەملەر ئارقىلىق قوللىشىنىڭ كۈتۈلىدىغانلىقىنى، بىراق، 15 – ئىيۇل ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى ئەسناسىدا بەزى دۆلەتلەرنىڭ تۈركىيە يېنىدا تۇرمىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

بەزى دۆلەتلەرنىڭ، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشىدىن كېيىن چەت ئەلگە قاچقان فەتۆ ئەزالىرىنىڭ تەۋەلىكىدە پاناھلىنىشىغا رۇخسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن قالىن، «بۇ دۆلەتلەر، مەسىلەن ئەلقائىدە تېررورچىلىرى ئۈچۈن، دائېش تېررورچىلىرى ئۈچۈن بۇنداق قىلمىغان بولاتتى. بىراق، ئەپسۇسكى، بۇنى فەتۆ ئەزالىرى ئۈچۈن قىلدى» دېدى.

تۈركىيەنىڭ پ ك ك، دائېش، ئەلقائىدەگە ئوخشاش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرىشىگە، فەتۆغا قارشى كۈرىشىنىڭمۇ قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن قالىن، تۈركىيەنىڭ، ناتودىن ۋە ناتو ئىتتىپاقداشلىرىدىن بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرىشىگە ياردەم بېرىشىنى كۈتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

قالىن، تۈركىيەنىڭ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ ئامېرىكادىن تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىلىشى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، تۈركىيەنىڭ، فەتۆ توغرىسىدىكى دەلىللەرنى ئامېرىكاغا بەرگەنلىكىنى ۋە بۇ ئىشنى ئالدىنقى پىرېزىدېنت باراك ئوباما مەزگىلىدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، بۇ ئەھۋالنىڭ ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيەگە قارشى بارلىق ساھەلەردە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنىڭ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر