«ئاياسوفيا ئاداققىچە جامە ۋە ئالەمشۇمۇل مەدەنىيەت مىراسى سۈپىتىدە قالىدۇ»

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك ئاياسوفيانىڭ ئاداققىچە جامە ۋە ئالەمشۇمۇل دۇنيا مىراسى سۈپىتىدە قالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1454534
«ئاياسوفيا ئاداققىچە جامە ۋە ئالەمشۇمۇل مەدەنىيەت مىراسى سۈپىتىدە قالىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئاياسوفيانىڭ بارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ قوغدىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى مۇھاپىزەت قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئاياسوفيا جامە ۋە ئالەمشۇمۇل دۇنيا مىراسىنىڭ ئىزنالىرى بېسىلغان مۇقەددەس جاي سۈپىتىدە ئاداققىچە كۆركەم ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت ئورگىنى (UNESCO) مەسئۇللىرى شۇنى بىلىشى كېرەككى، ئاياسوفيانىڭ دۇنياۋى مىراسىنىڭ قوغدىلىشى مەسىلىسىدە تۈركىيە ھەر جەھەتتىن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تەيياردۇر. ئاياسوفيا UNESCO نىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىدىن چىقىرىلىۋېتىدۇ، دەپ ئويلىمايمىز. چۈنكى بۇ تىزىملىك بىلەن ئاياسوفيا شەرەپلەنمەيدۇ، ئەكسىچە، بۇ تىزىملىك ئاياسوفيا بىلەن شەرەپلەنگەندۇر.»

گىرېتسىيەنىڭ ئاياسوفيانىڭ ئىبادەتكە ئېچىۋېتىلىشىگە قارىتا ئىنكاسى توغرۇلۇق توختالغان چەلىك، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «پايتەختىدە جامە بولمىغان بىردىنبىر ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلىتى گىرېتسىيەدۇر. دەرۋەقە، گىرېتسىيە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدىن قالغان جامەلەرگە ۋە يادىكارلىقلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىشتا بىرىنچى بولغان بىر دۆلەتتۇر. ئەسلىدە، گىرېتسىيە بۇ ھەقتە ھېچ بايانات ئېلان قىلماسلىققا تېگىشلىك دۆلەتتۇر.»

ئاياسوفيا ئۆتكەن ھەپتە دۆلەت مەجلىسىنىڭ قارارى ئارقىلىق قايتىدىن ئىبادەتكە ئېچىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر