تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىلىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بورېلنىڭ باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1454668
تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىلىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، بورېلنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار كېڭىشى يىغىنىديىن كېيىن ئېلان قىلغن باياناتى ھەققىدىكى سوئالغا بەرگەن يازما جاۋابىدا، تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىز مەسىلىلىرىگە ئالاقىدار پوزىتسىيەسىنىڭ  بارلىق تەرەپلەرگە مەلۇم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن تاشلىنىدىغان تۇنجى قەدەملەر، ئارالدىكى ئىككى خەلق ئوتتۇرىسىدا گىدروكاربون مەنبەلىرىنىڭ ئادىل تەقسى قىلىنىشى مەسىلىسىدە ھەمكارلىق مىخانىزىمىنىڭ ئورنىتىلىشى، تۈركىيە بىلەن دىيالوگ قاناللىرىنىڭ قايتىدىن باشلىتىلىشى، تۈركىيەگە قارشى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشنىڭ ئورنىغا شەرتسىز ھالدا رايوندا دىيالوگ ۋە ھەمكارلىق مۇھىتىنىڭ يارىتىلىشىدۇر. بارلىق تەرەپلەر پەقەت مانا مۇشۇنداق پوزىتسىيەگە ئاساسلانغاندىلا ئاندىن شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى سۈركىلىشكە خاتىمە بېرىش مۇمكىن.»

تۈركىيەنىڭ باشتىن تارتىپلا لىۋىيەدىكى كىرىزىسنى ھەربىي يوللار ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئاقسوي مۇنداق دېدى: «دۆلىتىمىز سۈھەيراتتىن بېرلىنغىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھىمايسى ئاستىدا لىۋىيەلىكلەرنىڭ باشلامچىلىقى ھەم ساھىبخانىلىقىدا سىياسىي باسقۇچنىڭ جانلاندۇرۇلۇشىغا قارىتا بارلىق خەلقئارالىق تىرىشچانلىقلارنى ئىزچىل تۈردە قوللاپ – قۇۋۋەتلەپ كەلمەكتە ھەم ھەسسە قوشماقتا. ياۋروپا ئىتتىپاقى لىۋىيە كىرىزىسىنىڭ تىنچ يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىنىشىغا ھەسسە قوشۇشنى خالىسا، <ئىرىھى ھەرىكىتى> ئارقىلىق نامايەن قىلغان قوش ئۆلچەملىك سىياسىتىنى تەرك ئېتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىغا ئاساسەن قانۇنلۇق ھۆكۈمەتنى قوللىشى كېرەك.»

ئاقسوي، بورېلنىڭ ئاياسوفياغا مۇناسىۋەتلىك باياناتلىرى ھەققىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: «ئاياسوفيانىڭ تۈركىيەنىڭ مۈلكى ئىكەنلىكىنى ۋە سالاھىيەت ئۆزگىرىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاياسوفياغا مۇناسىۋەتلىك ھەر تۈرلۈك تەسەررۇپنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى دائىرىسىگە كىرىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمىز. دەرۋەقە، تۈركىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئارىلىشىش ھېچكىمنىڭ ھەددى ئەمەس.»

يېڭى سالاھىيەت ئارقىلىق «ئاياسوفيا جامەسى» نىڭ دۇنيادىكى بارلىق دىن ۋە ئېتىقادلارنىڭ زىيارىتىگە ئوچۇق بولىدىغانلىقىنى ۋە خالىغان كىشىلەرنىڭ بۇ كاتتا جاينى زىيارەت قىلالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئاقسوي، ئاياسوفيانىڭ ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەرنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرىشكە تېگىشلىك ئۆلچەملەرگە خىلاپ ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئاياسوفيا جامەسى ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەدەنىيەت مىراسى ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا يېڭى سالاھىيىتى ئارقىلىق ھەممىنى باغرىغا بېسىشنى داۋاملاتۇرىدۇ.»

ئۇ يەنە، بورېلنىڭ تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىدە دىيالوگ ۋە ئەھدىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىشىنىڭ خۇشاللىنارلىق ئىش ئىكەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر