پ ك ك غا قارشى «چاقماق 1 جۇدى ھەرىكىتى» باشلاندى
شىرناك جۇدى تېغىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت باشلاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مەھمەت ئەرسوي ۋە گېنېرال ئارىف چەتىن رايوندىكى ھەرىكەتلەرنى كۆزەتمەكتە.
مۇئاۋىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مەھمەت ئەرسوي، «بىز ئالدىنقى كۈنى بۇ تەشكىلاتنىڭ خائىنلەرچە قىلمىشلىرىغا خىزمەت قىلىۋاتقانلارغا قارشى <چاقماق 1 جۇدى ھەرىكىتى> نى باشلىدۇق. بۇ ھەرىكەتلىرىمىز يۈرۈشلۈك شەكىلدە ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ. جۇدى تېغىدىن باشلىنىپ، بۈگۈنگە قەدەر ئىسمى تېررورلۇق بىلەن خاتىرلىنىپ كېلىۋاتقان سەزگۈر نۇقتىلاردا داۋام قىلىدۇ. كاتو، بەستەلەر دەرەلەر، ئەقلىڭىزغا كېلىدىغان ھەمىلا يەردە، يەنى، بۇ زېمىنىمىزدا بىر نەپەرمۇ تېررورچى قالمىغۇچە بىزنىڭ كۈرىشىمىز داۋاملىشىدۇ »دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى بەش تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.