ئىبراھىم كالىن ئاياسوفيا جامەسىنىڭ ئىبادەتكە ئېچىلىشىنى تەنقىد قىلغۇچىلار ئۈستىدە توختالدى

جۇمھۇر رەئىسلىك باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن، ئاياسوفيا جامەسىنىڭ ئىبادەتكە ئېچىلىشىگە دائىر قارارنى «دۇنيا مىراسى يوق بولىدۇ» دەپ تەنقىد قىلغانلارنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.

1453467
ئىبراھىم كالىن ئاياسوفيا جامەسىنىڭ ئىبادەتكە ئېچىلىشىنى تەنقىد قىلغۇچىلار ئۈستىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىبراھىم كالىن ئاياسوفيا جامەسىنىڭ ئىبادەتكە ئېچىلىشى ھەققىدە «BBC» ۋە «TRT» قاناللىرىغا بايانات بەردى.

ئىبراھىم كالىن ئاياسوفيا جامەسىدىكى سىنبەلگىلەرگە دىن ئايرىماستىن، مۇسۇلمانلار، خىرىستىيانلار، بۇددىستلار، ھەممەيلەننىڭ ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئاياسوفيا جامەسىنىڭ ئىبادەتكە ئېچىلىشىغا دائىر ئۆكتىچى پارتىيەدىكىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا پۈتۈن خەلق ئاممىسىدا كەڭ – كۆلەملىك پىكىر بىردەكلىكى بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئىبراھىم كالىن بۇ قارارنى «دۇنيا مىراسى يوق بولىدۇ» دەپ تەنقىد قىلغانلارنىڭ ھەقلىق ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ، دىنىي ئەركىنلىك نۇقتىسىدىن تۈركىيەدە 400 دىن ئارتۇق چېركاۋ ۋە سىناگوگلارنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

بۇ قارارنىڭ ئىستانبۇلدىكى جامى سانىغا ئەمەس، بەلكى ئاياسوفيانىڭ تارىخى ۋە دىنىي ئەھمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىبراھىم كالىن: «مۇسۇلمانلار، خىرىستىيانلار، ئېتىقاد قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلار بولسۇن، ھەممەيلەن زىيارەت قىلالايدۇ، ھېچكىمگە چەكلىمە بولمايدۇ» دېدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن ئاياسوفيا جامەسىنى ئىبادەتكە ئېچىش قارارى ھەققىدە تىۋىتتېر ھېسابىدىن شىۋىتسىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى كارل بىلدتقا بەرگەن جاۋابىدا، ياۋروپانىڭ تۈركىيەگە بولغان ھازىرقى كۆز قارىشىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بۇرۇنقى زامانلاردىكى تەنقىدىي قاراش ۋە ئاساسسىز ئەندىشىلەرگە تايىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «باراۋەرلىك، ئۆز - ئارا ھۆرمەت ۋە ئورتاق مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ھەممىمىزگە خىزمەت قىلىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر