ئەردوغان يۇقىرى سوتنىڭ ئاياسوفيا توغرىسىدىكى قارارىدىن كېيىن تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئاياسوفيانىڭ دەرۋازىلىرىنىڭ يەرلىك – چەت ئەللىك، مۇسۇلمان – غەيرىي مۇسۇلمان بارلىق كىشىلەرگە داغدام ئوچۇق بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1453014
ئەردوغان يۇقىرى سوتنىڭ ئاياسوفيا توغرىسىدىكى قارارىدىن كېيىن تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلىدى
super_ayasofya.jpg
Ayasofya.2.jpg
AYA SOFYA.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىغا ئاساسەن مۇزېيلىق سالاھىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ قايتىدىن ئىبادەتكە ئېچىۋېتىلگەن ئاياسوفيا توغرىسىدا تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ، «ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مىراسى بولغان ئاياسوفيا، يېڭى سالاھىيىتى بىلەن بارلىق كىشىلەرنى باغرىغا بېسىشنى تېخىمۇ سەمىمىي، تېخىمۇ ئەستايىدىل شەكىلدە داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.

بارلىق تەرەپلەرنى تۈركىيەنىڭ ئەدلىيە ۋە ئىجرا ئىييە ئورگانلىرى تەرىپىدىن چىقىرىلغان ئاياسوفيا قارارىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان ئەردوغان، پىكىر بايان قىلىشتىن ھالقىپ كەتكەن ھەرقانداق پوزىتسىيە ۋە سۆز – ئىبارىنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقىگە مۇداخىلە قىلىش دەپ قوبۇل قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، «ۋاتىكاننىڭ مۇزېيغا ئايلاندۇرۇلۇپ ئىبادەت قىلىشقا تاقىۋېتىلىشىنى تەلەپ قىلىش بىلەن ئاياسوفيانىڭ مۇزېي پېتى قېلىشىدا چىڭ تۇرۇش ئوخشاش پىكىرنىڭ مەھسۇلىدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىستانبۇل ئوسمانلى ئىمپېراتورى فاتىھ سۇلتان مەھمەت تەرىپىدىن 1453 – يىلى پەتھى قىلىنغاندىن كېيىن ئاياسوفيانىڭ جامەگە ئايلاندۇرۇلۇپ گۈللەندۈرۈلۈپ كەلگەنلىكىنى خاتىرىلەتتى ۋە نۆۋەتتىكى باسقۇچ ھەققىدە توختىلىپ «بۇ تولۇق 567 يىللىق ھەقتۇر. ئېتىقاد مەركەزلىك بەس – مۇنازىرە قىلىشقا توغرا كەلسە، بۇ ئاياسوفيا ئەمەس، ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە ياتلار ئۆچمەنلىكى بولۇشى كېرەك» دېدى.

تۈرك مىللىتىنىڭ ئاياسوفياغا ھەردائىم كۆز قارىچۇغىدەك قاراپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، «بۇ ھال شۇ نۇقتىغا بېرىپ يەتكەنكى، <تەڭرىنىڭ ھېكىمىتى> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان ئارگىنال ئىسمىنى ئۆزگەرتىشكىمۇ ئۇرۇنمىدى» دېدى.

ئۇ، 2020 – يىلى 24 – ئىيۇل جۈمە كۈنى جۈمە نامىزى بىلەن بىرلىكتە، يەنى ئارىدىن 86 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئاياسوفيانى ئىبادەتكە ئېچىشنى پىلانلاۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

تۈركىيەدە ئىبادەتكە ئوچۇق 435 چېركاۋ، سىناگوگ ۋە ھاۋرا بارلىقىغا ئىشارەت قىلغاندىن كېيىن، «بۇ كارتىنا پەرقلىقلىرىمىزنى بايلىق دەپ قارايدىغان چۈشەنچىمىزنىڭ نامايەندىسىدۇر» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆزلىرىنى «ئاياسوفيانىڭ تىرىلىشى مەسجىدى ئەقسانىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشىنىڭ بېشارەتچىسىدۇر» دەپ ئاخىرلاشتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر