چاۋۇشئوغلۇ: ئەنگلىيە بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالاشقا ناھايىتى ئاز قالدۇق

چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ ئەنگلىيە بىلەن سانائەت، يېزا – ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مۇلازىمەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بىر ئەركىن سودا كېلىشىمى تۈزۈشكە ناھايىتى يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.

1452769
چاۋۇشئوغلۇ: ئەنگلىيە بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالاشقا ناھايىتى ئاز قالدۇق
SÜPER FOTO çavuşoğlu.jpg
SÜPER FOTO çavuşoğlu.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ ئەنگلىيە بىلەن سانائەت، يېزا – ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مۇلازىمەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بىر ئەركىن سودا كېلىشىمى تۈزۈشكە ناھايىتى يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ چارشەنبە كۈنىدىكى لوندون زىيارىتى جەريانىدا «پۇل – مۇئامىلە ۋاقتى» ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئەنگلىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا پىرىنسىپ جەھەتتىن كېلىشىم تۈزۈش توغرىسىدا ھېچقانداق پىكىر ئوخشىماسلىقىنىڭ يوقلۇقىنى، بىراق بەزى تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنىڭ ئاخىرقى ھالىتىگە قاراپ چىقىلىشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.

ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبەتلىرى توغرىسىدا «ناھايىتى ياخشى كېتىۋاتىدۇ، نەتىجىلەندۈرۈشكە ناھايىتى يېقىنمىز» دېگەن مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، «ئىككى تەرەپ سودا ھەجىمىمىزگە قارايدىغان بولسىڭىز، بۇنىڭ %95 ىنى سانائەت مەھسۇلاتلىرى تەشكىل قىلىدۇ ۋە بۇ نۇقتىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدۇق. قالغان %5 ىنى يېزا – ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتى تەشكىل قىلىدۇ» دېدى.

ئەنگلىيەنىڭ تۈركىيەنىڭ «ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاقدىشى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن چاۋۇشئوغلۇ، ئەنگلىيە بىلەن (بۇ دۆلەتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن) ئايرىلىشىدىن كېيىنكى مەزگىلدە، ئىككى تەرەپ سودا ھەجىمىمىزنى ئاشۇرۇشنى قارار قىلغانلىقلىرىنى، بۇ دائىرىدە 20 مىليارد دوللارلىق سودا ھەجىمى بېكىتكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ، ئەركىن سودا كېلىشىمى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ئەنگلىيەدە خىزمەت ئورنى ئېچىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشنى مەزمۇن قىلغان ئەنقەرە كېلىشىمى (1963) گە ئوخشايدىغان باشقا بىر كېلىشىم ئۈستىدىمۇ سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر