بۈگۈن 23 كىشى ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلدى

تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشكە باشلىشىغا ئەگىشىپ، ئۆلۈم ۋە يۇقۇم نىسبىتى بارغانسېرى تۆۋەنلىمەكتە.

1452986
بۈگۈن 23 كىشى ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 23 كىشى قازا قىلدى.  بۇنىڭ بىلەن «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان قازا قىلغانلار سانى 5 مىڭ 323 كە يەتتى.

بىر كۈن ئىچىدە  48 مىڭ 787 كىشى تەكشۈرۈلدى، بۇلاردىن 1 مىڭ 3 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.

دوختۇرخانىدىن چىققان 1 مىڭ 493 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، ساقايغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 191 مىڭ 883 كە يەتتى.


خەتكۈچ: #ۋىرۇس , #يۇقۇم

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر