مۇستافا شەنتوپ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسلىكىگە قايتىدىن سايلاندى

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى تەكىرتاغ پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا شەنتوپ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچلۇق بېلەت تاشلىشىدا 328 ئاۋازغا ئېرىشىپ، قايتىدىن پارلامېنت باشلىقى بولۇپ سايلاندى.

1451038
مۇستافا شەنتوپ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسلىكىگە قايتىدىن سايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچلۇق بېلەت تاشلاشقا 557 پارلامېنت ئەزاسى قاتناشتى.

سايلامدا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى تەكىرتاغ پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا شەنتوپ 328 ئاۋازغا، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى ئەنقەرە پارلامېنت ئەزاسى خالۇك كوچ 134 ئاۋازغا، خەلقلەرنىڭ دېموكراتىيە پارتىيەسى ئىستانبۇل پارلامېنت ئەزاسى ئەرول كاتىرئوغلۇ 51 ئاۋازغا ۋە ئىيى (ياخشى) پارتىيەسى غازىئانتەپ پارلامېنت ئەزاسى ئىمام ھۈسەيىن فىلىز 37 ئاۋازغا ئېرىشتى. 7 بېلەت ئىناۋەتسىز ھېسابلاندى.

بۇنىڭغا ئاساسەن، مۇستاپا شەنتوپ ئۈچىنچى باسقۇچلۇق بېلەت تاشلاشتا، ئومۇمىي ئەزا سانىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى بولغان 301 دىن ئارتۇق ئاۋازغا ئېرىشىپ، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) نىڭ باشلىقلىقىغا قايتىدىن سايلاندى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قايتىدىن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) نىڭ باشلىقى بولۇپ سايلانغان مۇستاپا شەنتوپقا تېلېفون قىلىپ، ئۇنى تەبرىكلىدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر – ئالاقە ئىدارىسى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتتا، ئەردوغاننىڭ يەنە پارلامېنت باشلىقى شەنتوپقا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىغانلىقى ۋە مۇۋەپپەقىيەت تىلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر