گېرمانىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەلىرى تۈركىيەنى قوللىدى

گېرمانىيەدە ھاكىمىيەت بېشىدىكى بىرلەشمە پارتىيەلەرنىڭ تاشقى سىياسەت باياناتچىلىرى، تۈركىيە بىلەن ساياھەتچىلىكنىڭ نورماللىشىشى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئۇچرىشىشلارنى قوللىدى.

1450564
گېرمانىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەلىرى تۈركىيەنى قوللىدى
turizm
turizm

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە سوتسىيال دېموكرات پارتىيەنىڭ پارلامېنت گۇرۇپپىسىنىڭ تاشقى سىياسەت باياناتچىسى نىلس شمىد (Nils Schmid)، خىرىستىيان دېموكراتلار بىرلەشمە پارتىيەسى بىلەن خىرىستىيان سوتسىيال بىرلەشمە پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت گۇرۇپپىسىنىڭ تاشقى سىياسەت باياناتچىسى يۆرگېن خارد (Jürgen Hardt)، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جەۋدەت يىلماز پايتەخت بېرلىندا، كۈنتەرتىپكە مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

گېرمانىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولغان مەزگىلدە، ياۋروپا ئىتتىپاقى-تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن سوتسىيال دېموكرات پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى شمىد، ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى تۇرۇشتا مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كېلىشى بىلەن، كېيىنكى كۈنلەردە گېرمانىيەنىڭ ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئارزۇسىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ: «بۇ ياز (2020) تۈركىيەدە ساياھەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن. بەلكىم ئالدىمىزدىكى بىر-ئىككى ھەپتە ئىچىدە ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشىدا بەزى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈشىمىز مۇمكىن. بەلكىم مەنمۇ چامادانىمنى تەييارلاپ بارالىشىم مۇمكىن» دېدى.

خىرىستىيان بىرلەشمە پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت گۇرۇپپىسى تاشقى سىياسەت باياناتچىسى يۆرگېن خارد تۈركىيە بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدا ساياھەتچىلىك ساھەسىدە داۋاملىشىۋاتقان دىيالوگلاردىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ئەگەر گېرمانىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ساياھەت چەكلىمىلىرىنى بوشىتىش مەسىلىسىدە بىر يول تاپالىساق، بۇ ھەم گېرمانىيەدىكى يۈزمىڭلارچە تۈركلەر ئۈچۈن ھەمدە نورمال دەم ئېلىشىنى تۈركىيەدە ئالغان يۈزمىڭلارچە گېرمانىيەلىك ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق بولىدۇ» دېدى.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جەۋدەت يىلماز گېرمانىيەگە ياۋروپا ئىتتىپاقى نۆۋەتچى رەئىسلىك مەزگىلىدە مۇۋەپپەقىيەت تىلەپ: «بۇ مەزگىلدە ياۋروپا ئىتتىپاقى-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىدە تېخىمۇ ئىجابىي سەۋىيەلەرگە يېتىمىز» دېدى.      



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر