خۇلۇسى ئاقار لىۋىيەدىن كېيىن، مالتادا زىيارەتتە بولماقتا

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ۋە ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال ياشار گۈلەر تۈنۈگۈن لىۋىيەدىكى ئۇچرىشىشلىرىنى تاماملاپ، مالتانىڭ پايتەختى ۋاللېتتاغا يېتىپ باردى.

1449184
خۇلۇسى ئاقار لىۋىيەدىن كېيىن، مالتادا زىيارەتتە بولماقتا
hulusi akar malta'da.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  خۇلۇسى ئاقار مالتانىڭ تاشقى ئىشلار ۋە ياۋروپا ئىشلىرى مىنىستىرى ئېۋارىست بارتولا بىلەن كۆرۈشتى. ئۇچرىشىشتا ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال گۈلەرمۇ  ھەمراھ بولدى. ئۇچرىشىشقا يەنە تۈركىيەنىڭ ۋاللېتتادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كەرەم قىراتلىمۇ قاتناشتى.

خۇلاسى ئاقار ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە يەنە، مالتانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بايرون جامىللەرى بىلەنمۇ كۆرۈشتى. ئۇچرىشىشتىن كېيىن، ئىككى مىنىستىر ھەيئەتلەر ئارا مۇزاكىرىگە رىياسەتچىلىك قىلدى.

ھەيئەتلەر ئارا مۇزاكىرىگە گېنېرال ياشار گۈلەر بىلەن مالتا ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى جېفرېي كۇرمىمۇ ئىشتىراك قىلدى.

تۈركىيەنىڭ ۋاللېتتادىكى باش ئەلچىخانىسىنىمۇ زىيارەت قىلىپ،  باش ئەلچى كەرەم ئەھمەت قىراتلى بىلەن كۆرۈشكەن مىنىستىر خۇلۇسى ئاقار ۋە گېنېرال گۈلەر، ئارقىدىن مالتادىكى تۈرك شېھىتگاھلىقىغا باردى.

خۇلۇسى ئاقار شېھىتلەر ئابىدىسىگە گۈلچەمبىرەك ۋە قەبرىلەرگە گۈل قويۇپ، شېھىتلەر خاتىرە دەپتىرىگە ئىمزا قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر