چاۋۇشئوغلۇ گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ خىزمەت زىيارىتىدە بولغان گېرمانىيەدە گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ھورست شېھوفېر بىلەن كۆرۈشتى.

1448103
چاۋۇشئوغلۇ گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ بۇ ھەقتە تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا مەلۇمات بېرىپ، «ئۇچرىشىشىمىزدا گېرمان مېھمانلىرىمىزنىڭ تۈركىيەدە سالامەت ۋە بىخەتەر ساياھەت قىلالايدىغانلىقى، گېرمانىيەگە نىسبەتەنمۇ خەۋپ ھېسابلىنىدىغان پ ك ك ۋە فەتۆ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلىش، قانۇنسىز كۆچمەنلەر، ئىرقچى ھۇجۇملار باشتا بولۇپ گېرمانىيەدىكى تۈركلەرگە قارشى سادىر قىلىنغان ۋەقەلەر توغرىسىدا سۆزلەشتۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ مەزكۇر ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى بېرلىندا گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېيكو مائاس بىلەنمۇ كۆرۈشكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر