ئەنقەرە: ئاياسوفيادىن قانداق پايدىلىنىش تۈركىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى دائىرىسىدىكى ئىش

ئەنقەرە، ئاياسوفياغا قانداق مۇئامىلە قىلىش مەسىلىسىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى دائىرىسىدىكى ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1447347
ئەنقەرە: ئاياسوفيادىن قانداق پايدىلىنىش تۈركىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى دائىرىسىدىكى ئىش

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاياسوفيانىڭ سالاھىيىتىگە ئالاقىدار باياناتى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا يازما ھالەتتە جاۋاب قايتۇردى.

«ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئاياسوفيا توغرىسىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتىن تەئەججۈپلەندۇق» دېگەن باياناتچى ئاقسوي، ئاساسىي قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇنلار بىلەن كاپالەت ئاستىغا ئېلىنغان دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ، بارلىق پۇقرالار ئۈچۈن ئايرىمچىلىق قىلىنماستىن مۇھاپىزەت قىلىنىشى يولىدا تۈركىيەنىڭ <ساداسىز ئىنقىلاب ماھىيىتىدە> قەدەملەرنى تاشلىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، بۇ دائىرىدە تۈركىيەنىڭ، مەدەنىيەت ۋە تارىخىدىن داۋاملىشىپ كەلگەن كەڭ قورساقلىق ئەنئەنىسىگە ئاساسەن ئاياسوفيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى ئەڭ ئەستايىدىل شەكىلدە قوغداپ كېلىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، «ئاياسوفيانىڭ تارىخىي، مەدەنىيەت ۋە مەنىۋى قىممىتىنىمۇ پەتھى قىلىپ مەملىكىتىمىزنىڭ مۈلكى دائىرىسىگە كىرگۈزگەن كۈنىمىزدىن بۇيان سەزگۈرلۈك بىلەن ياشنىتىپ كېلىۋاتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئاياسوفيانىڭ، تۈركىيە زېمىنلىرىدىكى بارلىق مەدەنىيەت بايلىقلىرىغا ئوخشاشلا تۈركىيەنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا ئىكەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن ئاقسوي سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئاياسوفيا ئۈستىدىكى بارلىق باشقۇرۇش سالاھىيىتى تۈركىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى دائىرىسىدىكى ئىچكى ئىشلىرىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر مەسىلىدۇر. ئەلۋەتتە ھەممىنىڭ ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئەركىنلىكى بار، بىراق، ئىگىلىك ھوقۇقىمىز ھەققىدە <ئاگاھلاندۇرىمىز>، <بۇيرۇيمىز> ئۇسلۇبىدا سۆز قىلىش ھېچكىمنىڭ ھەددى ئەمەس» دېدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، تۈركىيەنى ئاياسوفيانىڭ مۇزېي سالاھىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر