ۋابا سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى قايتىدىن 20 نىڭ ئاستىغا چۈشۈشكە باشلىدى

تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشكە باشلىشىغا ئەگىشىپ، ئۆلۈم ۋە يۇقۇم نىسبىتى بارغانسېرى تۆۋەنلىمەكتە.

1447891
ۋابا سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى قايتىدىن 20 نىڭ ئاستىغا چۈشۈشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 17 گە چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان قازا قىلغانلار سانى 5 مىڭ 167 گە يەتتى.

بىر كۈن ئىچىدە  49 مىڭ 714 كىشى تەكشۈرۈلدى، بۇلاردىن 1 مىڭ 186 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.

دوختۇرخانىدىن چىققان 1 مىڭ 543 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، ساقايغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 176 مىڭ 965 كە يەتتى.


خەتكۈچ: #ۋىرۇس , #ۋابا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر