تۈركىيە چەت ئەللىك تېررورچىلارنى دۆلەتلىرىگە يولغا سېلىۋېتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيەدىن دۆلەتلىرىگە يولغا سېلىۋېتىلگەن چەت ئەللىك تېررورچى سانى 338 گە يەتتى.

1446777
تۈركىيە چەت ئەللىك تېررورچىلارنى دۆلەتلىرىگە يولغا سېلىۋېتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، چەت ئەللىك تېررورچىلارنى دۆلەتلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ دائىرىدە بېلگىيە پۇقراسى 9 تېررورچىنىڭ دۆلىتىگە قايتۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى، 2019 – يىلى 11 – يانۋاردىن بۇيان 114 نەپىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئاۋسترالىيە پۇقراسى بولۇپ جەمئىي 338 نەپەر چەت ئەللىك تېررورچىنى دۆلەتلىرىگە قايتۇرۇۋەتكەن بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر