تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەب بولغان ئۆلۈم سانى تۆۋەنلىمەكتە

تۈركىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» (Kovid-19) غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشكە باشلىشىغا ئەگىشىپ، ئۆلۈم ۋە يۇقۇم نىسبىتى بارغانسېرى تۆۋەنلىمەكتە.

1446429
تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەب بولغان ئۆلۈم سانى تۆۋەنلىمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 16 گە چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان قازا قىلغانلار سانى 5 مىڭ 131 گە يەتتى.

بىر كۈن ئىچىدە  50 مىڭ 492 كىشى تەكشۈرۈلدى، بۇلاردىن 1 مىڭ 293 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.

دوختۇرخانىدىن چىققان 1 مىڭ 302 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، ساقايغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 173 مىڭ 111 كىشىگە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر