تۈركىيە ئونلارچە چەت ئەللىك مۇساپىرنى قۇتقۇزۇۋالدى

بالىكەسىرنىڭ ئايۋالىق ناھىيەسى بىلەن ئىزمىرنىڭ دىكىلى ناھىيەسىدە گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغان 64 مۇساپىر قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1446022
تۈركىيە ئونلارچە چەت ئەللىك مۇساپىرنى قۇتقۇزۇۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيەنىڭ مىدىللى ئارىلىغا ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغان ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 40 نەپەر چەت ئەللىكنىڭ ئايۋالىقنىڭ چىپلاق ئارال ساھىلىدىن كامېر كېمىگە ئولتۇرۇپ يولغا چىققاندىن كېيىن گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغانلىقى، قىيىن ئەھۋالدا قالغان مۇساپىرلارنى تۈركىيەنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىپ، قىرغاققا ئېلىپ چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىزمىرنىڭ دىكىلى ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدىمۇ 2 قېيىقتا مۇساپىرلارنىڭ بارلىقىدىن خەۋەر تاپقان دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى رايونغا يېتىپ باردى؛ ئوخشاش ئۇسۇلدا گىرېتسىيە تەرىپىدىن تۈركىيە تەرەپكە قايتىشقا مەجبۇرلانغانلىقى ئېنىقلانغان 24 مۇساپىر قۇتقۇزۇۋېلىندى.

مۇساپىرلار كېرەكلىك رەسمىيەتلىرى بىجىرىلگەندىن كېيىن ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر مۇدىرلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر