تۈركىيە ئاتاتۈرك ھەيكىلىگە قىلىنغان ھۇجۇمغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئەنقەرە، تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدىكى ئاتاتۈرك ھەيكىلىگە قىلىنغان ھۇجۇمغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1445871
تۈركىيە ئاتاتۈرك ھەيكىلىگە قىلىنغان ھۇجۇمغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدىكى ئاتاتۈرك ھەيكىلىگە ئېسىلغان لاتا پارچىسى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ۋەقەنى ئەيىبلەپ، «دۇنيا تارىخىدىكى مۇستەسنا ئورنى دەتالاشسىز بولغان جۇمھۇرىيتىمىزنىڭ قۇرغۇچىسى داھى مۇستافا كەمال ئاتاتۈركنىڭ ئەزىز خاتىرىسىگە ۋە شانلىق تارىخىمىزغا بۇ خىل رەزىل قىلمىشلار ئارقىلىق كۈلەڭگە چۈشۈرگىلى بولمايدىغانلىقى مۇھەققەقتۇر. بۇ پەسكەشلەرچە قىلمىشنىڭ جاۋابكارلىرى ئۈستدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن، ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىمىز ئامېرىكادا تېگىشلىك قەدەملەرنى تاشلىدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر