ئەردوغان خەلقتىن دۆلەتكە ئىگە چىقىشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خەلقتىن دۆلەتكە ئىگە چىقىپ، ئۆزلىرىنى قوللىشىنى كۈتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1445687
ئەردوغان خەلقتىن دۆلەتكە ئىگە چىقىشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كابېنت يىغىنىدىن كېيىن مۇھىم باياناتلارنى ئېلان قىلدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ، بولۇپمۇ ئالغان ئىلگىرىلەش مەزگىلىدە ھۇجۇملارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خەلقتىن كۈتىدىغانلىرىنىڭ، بۇ مەزگىلدە قائىدەلەرگە رىئايە قىلىپ، ئىشلىرىغا، ئىشلەپچىقىرىشلىرىغا، دۆلىتىگە ئىگە چىقىپ، ئۆزلىرىنى قوللىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.  

ئۇ: «مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئورتاق قاراش، تۈركىيە ۋابادىن كېيىن قايتىدىن شەكىللىنىدۇ، دۇنيادىكى يۇلتۇز دۆلەتلەردىن بىرىگە ئايلىنىدۇ، دېگەندىن ئىبارەت» دېدى.

ئۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى تۇرۇش ھەققىدە توختالغاندا، ئۆلۈم ۋە يۇقۇم سانلىرىنى نۆلگە چۈشۈرۈشنى نىشان قىلغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ۋاباغا قارشى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان دۆلەتلەردىن بىرى بولۇش سۈپىتىدە، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرگە ئىگە چىقىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئاخىرىدا، ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئىيۇن ئېيدا غايەت زور نەتىجىلەردىن بېشارەت بەرگەنلىكىنى، چەت ئەللەردە تۈركىيە مەھسۇلاتلىرىغا بولغان تەلەپتە ئېشىش بولغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر