ۋاندا ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

ۋاندا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1445187
ۋاندا ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، «ۋىلايەتلىك ژاندارما قوماندانلىقى قارمىقىدىكى ئالاھىدە ھەرىكەت خادىملىرىنىڭ ئىچكى بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە ئېلىپ بارغان ۋاننىڭ گۈرپىنار تاغلىق رايونىدىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە 3 تېررورچى قوراللىرى بىلەن بىرلىكتە بىر تەرەپ قىلىندى. رايوندىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى داۋام قىلماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر