تۈركىيەدە ئۆلۈم ۋە يۇقۇم سانى تۆۋەنلىمەكتە

تۈركىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشكە باشلىشىغا ئەگىشىپ، ئۆلۈم ۋە يۇقۇم نىسبىتى بارغانسېرى تۆۋەنلىمەكتە.

1445689
تۈركىيەدە ئۆلۈم ۋە يۇقۇم سانى تۆۋەنلىمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 18 گە چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان قازا قىلغانلار سانى 5 مىڭ 115 كە يەتتى.

بىر كۈن ئىچىدە  51 مىڭ 14 كىشى تەكشۈرۈلدى، بۇلاردىن 1 مىڭ 374 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.

دوختۇرخانىدىن چىققان 1 مىڭ 214 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، ساقايغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 171 مىڭ 809 كىشىگە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر