تۇنجى يەرلىك ئېلېكتىر پويىز سىناق قىلىندى

قاتناش ۋە ئۇل-ئەسلىھە مىنىستىرى ئادىل كارائىسمائىلئوغلۇ مىللىي ئېلېكتىر پويىزىنىڭ مۇشۇ يىل (2020) نىڭ ئاخىرىدا قاتنايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1445615
تۇنجى يەرلىك ئېلېكتىر پويىز سىناق قىلىندى
Tren1.jpg
milli tren 2.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتناش ۋە ئۇل-ئەسلىھە مىنىستىرى ئادىل كارائىسمائىلئوغلۇ ساكاريادا تۇنجى يەرلىك ئېلېكتىر پويىزىنى زاۋۇت سىنىقى باشلىنىدىغان مۇراسىمدا سۆز قىلدى.

ئۇ تۆمۈر يولى تېخنولوگىيەسىدە يەرلىك ۋە مىللىي قاتناش ۋاستىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى داۋاملاشتۇرۇشتا قەئىي ئىرادىگە ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ: «مەقسىتمىز تۈركىيەنىڭ تۆمۈر يول قاتناش ۋاستىلىرى ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ مۇھىم مەركىزىگە ئايلاندۇرۇشتۇر» دېدى.

ئۇ يەرلىك ۋە مىللىي پويىزىنىڭ 176 كىلومېتىر سائەتلىك تېزلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى، قاتناش ۋە يولۇچى بىخەتەرلىكى، راھەتلىكى جەھەتتىن تەلەپ ھەمدە ئۈمىدلەرگە يۇقىرى سەۋىيەدە جاۋاب قايتۇرىدىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ بەش ۋاگوندىن تەركىپ تاپىدىغان پويىزنىڭ 324 كىشىلىك ئىكەنلىكىنى ۋە ئىككى ئورۇننىڭ مېيىپ يولۇچىلار ئۈچۈن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئىشلەپچىقىرىشى تاماملانغان ئۆرنەك پويىزنىڭ يەرلىك بولۇش نىسبىتىنىڭ %60 ئىكەنلىكىنى، نورمال ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچۈن يەرلىك بولۇش نىسبىتىنى %80 كە يەتكۈزۈشنىڭ نىشان قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئۆرنەك پويىزنىڭ مالىيىتى چەت ئەللەردىن ئىمپورت قىلىنغان ئوخشاش مەھسۇلاتقا سېلىشتۇرغاندا %20 ئەرزان بولدى» دېدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:

«دۆلىتىمىز تېز پويىز ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك تېز پويىزلارنى ئۆزى ياسىيالايدىغان سەۋىيەگە يەتتى. بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇساپىلەردە تۈركىيەنىڭ چەت ئەللەردىن پويىز ئىمپورت قىلىشىغا كېرەك يوق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر