ئىستانبۇل « تەرەققىي قىلغان ئېكولوگىيەلىك سىستېمىلار تىزىملىكى» دىن ئورۇن ئالدى

ئىستانبۇل 100 شەھەردىن تەشكىل تاپقان «تەرەققىي قىلغان ئېكولوگىيەلىك سىستېمىلار تىزىملىكى» دە 16-ئورۇنغا تىزىلدى.

1443880
ئىستانبۇل « تەرەققىي قىلغان ئېكولوگىيەلىك سىستېمىلار تىزىملىكى» دىن ئورۇن ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە سانائەت ۋە تېخنولوگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى مۇستافا ۋارانك، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، يەرشارى خاراكتېرلىك ئىگىلىك تىكلەش تەتقىقاتلىرىنى ئېلىپ بارىدىغان «Startup Genome» نىڭ 2020 – يىللىق دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئىستانبۇلنىڭ، 100 شەھەردىن تەشكىل تاپقان «تەرەققىي قىلغان ئېكولوگىيەلىك سىستېمىلار تىزىملىكى» دە، دۇبەي، موسكۋا  ۋە بىريۇسسېل قاتارلىق شەھەرلەرنى ئارقىدا قالدۇرۇپ،  16-ئورۇنغا تىزىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ تېخنولوگىيەگە ئاساسلىنىدىغان تەشەببۇسلىرىمىزدىكى يوشۇرۇن كۈچىمىز يۈكسەكتۇر، نىشانىمىز ئۇلۇغۋاردۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر