تۈركىيە ھىندىستانغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ھىندىستاندا چاقماق سوقۇش نەتىجىسىدە قازا قىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى.

1443898
تۈركىيە ھىندىستانغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئەنقەرەنىڭ، ھىندىستاننىڭ ئۇتتار پرادېش ۋە بىھار ئۆلكىلىرىدە چاقماق سەۋەبىدىن 100 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ قازا قىلىشىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىغا، ھىندىستان خەلقىگە ۋە ھۆكۈمىتىگە چىن دىلىمىزدىن تەزىيە بىلدۈرىمىز.»

ھىندىستاننىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا قارا يامغۇر ئەسناسىدا چاقماق سوقۇش سەۋەبىدىن 116 كىشى جېنىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر