مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: شىمالىي ئىراقتىكى ھەربىي ھەرىكەتنىڭ بىردىنبىر نىشانى تېررورچىلاردۇر

مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: پەنچە - قاپلان (يولۋاس) ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ بىردىنبىر نىشانى تېررورچىلاردۇر

1443961
مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: شىمالىي ئىراقتىكى ھەربىي ھەرىكەتنىڭ بىردىنبىر نىشانى تېررورچىلاردۇر
Pençe Kaplan tünel.jpg
pençe harekatı.jpg
pençe harekatı.jpg
MSB Pençe-Kartal Operasyonu.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشى توغرىسىدا بايانات بەردى؛ باياناتتا، «قەھرىمان تۈرك ئارمىيەسىنىڭ غەلىبىلىك داۋاملىشىۋاتقان پەنچە – قاپلان ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ بىردىنبىر نىشانى تېررورچىلاردۇر. بۇنىڭدىن بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا بۇ ھەرىكەتتىمۇ بىرمۇ پۇقرا زىيانغا ئۇچرىمىدى، ئۇچرىمايدۇ. پۇقرالار، بىگۇناھ كىشىلەر بىلەن مۇھىت، تارىخىي، دىنىي قۇرۇلۇشلار، شۇنداقلا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تۈركىيە ئارمىيەسى ئۈچۈن چېقىلغىلى بولمايدىغان ئامىللاردۇر» دېيىلدى.

ھازىرغىچە قانداق بولۇپ كەلگەن بولسا، ھازىرمۇ شۇنداق ئەستايىدىللىق ۋە سەزگۈرلۈكنىڭ ھەربىي ھەرىكەتنىڭ كېچىكىپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىگە قارىماي داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، «يەتتە ئىقلىم ئۈچ قىتئەگە تىنچلىق، ئادالەت ۋە خاتىرجەملىك ئېلىپ بارغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ يولىدىن مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قەھرىمان ئارمىيەمىز، ئالىيجاناب مىللىتىمىزنىڭ قوللىشى ۋە دۇئالىرى بىلەن شانلىق تارىخىمىزغا يارىشىدىغان شەكىلدە ئىنسانىي، ئەخلاقىي ۋە دۇنياۋى قىممەت – قاراشلارغا ئۇيغۇن شەكىلدە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر