تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغان مۇساپىرلار قۇتقۇزۇۋېلىندى

ئىزمىرنىڭ دىكىلى ۋە فوچا ناھىيەلىرىدە گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغان 50 نەپەر مۇساپىر قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1442795
تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغان مۇساپىرلار قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىزمىرنىڭ دىكىلى ناھىيەسىدە گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغان مۇساپىرلارنىڭ بارلىقى توغرىسىدا مەلۇم قىلىش ئۇچۇرى تاپشۇرۇپ ئېلىپ رايونغا يېتىپ بارغان تۈركىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى قوماندانلىقى خادىملىرى، دېڭىزغا غەرق بولۇپ كېتىۋاتقان ھالەتتىكى بىر كېمىدىكى 29 كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالدى.

فوچا ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدىمۇ گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە تەرەپكە قايتىشقا زورلانغان كامېر كېمىدىكى 21 كۆچمەن تۈركىيە تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنىپ قۇرۇقلۇققا ئېلىپ چىقىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر