ئوكتاي: لىۋىيەدە سۇيىقەستلىك ئويۇنلار تارمار قىلىندى

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي لىۋىيەدە مىللىي كېڭەش ھۆكۈمىتىنىڭ ئېگىلمەس – سۇنماس ئىرادىسى ۋە تۈركىيەنىڭ قوللىشى ئاستىدا سۇيىقەستلىك ئويۇنلار ۋە تۇزاقلارنىڭ تارمار قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

1442396
ئوكتاي: لىۋىيەدە سۇيىقەستلىك ئويۇنلار تارمار قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوكتاي لىۋىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «پۈتكۈل لىۋىيەدە تىنچلىق، ھۇزۇر ۋە ئادالەت بەرپا ئورنىتىلغانغا قەدەر لىۋىيەلىك قېرىنداشلىرىمىزنى ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز. ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر چارە – تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويالمىغانلار، شەھەرلەر قانۇنلۇق ھۆكۈمەت كۈچلىرى تەرىپىدىن بىر – بىرلەپ ئىسيانچىلارنىڭ قولىدىن ئېلىنىپ، ۋەزىيىتى تىنجىتىلىشقا باشلىغان ھامان پەرياد كۆتۈرۈشكە باشلىدى. ئىسيانچىلار شۇنى بىلىشى كېرەككى، لىۋىيەدە تىنچلىقنىڭ كېلەچىكىنى بەلەىلەيدىغان خەلقئارا قانۇننىڭ قانۇنلۇق چەك - چېگرالىرى بولىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر