شەنتوپ ماكرونغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكروننى «تۈركىيەنىڭ ئورنىنى توغرا مۆلچەرلەپ ئۇنىڭغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىش» قا چاقىردى.

1441884
شەنتوپ ماكرونغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ ئىجتىمائىي تاراتقودىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ئېمانۇئېل ماكروننىڭ لىۋىيە ۋە ئاقدېڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەرنى باھانە قىلىپ تۈركىيەگە قارشى قىلغان سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

ماكروننىڭ تۈركىيەنى ئەيىبلەشلىرىنىڭ، دۇنيانىڭ مۇۋازىنەتلىرىنى چۈشىنەلمەسلىك ۋە «مۇستەملىكە ئېڭى»نى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدىغان ئاقىلانە بولمىغان دەۋالاردىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن شەنتوپ، «ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دەۋالارنىڭ، ئۇزۇن تارىخقا ئىگە تۈركىيە – فىرانسىيە مۇناسىۋەتلىرىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكى» گە ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.

تۈركىيەنىڭ لىۋىيەدىكى مەۋجۇتلۇقىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ۋە رايون خاراكتېرلىك تىنچلىق مۇددىئالىرىنى تايانچ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن شەنتوپ، «ماكرون، ئۆزى ئىلگىرى سۈرگەندەك لىۋىيەدە تىنچلىق ئورنىتىشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان بولسا، ئىسيانچى ھافتەرنى قوللاش ئارقىلىق رايوننى پاجىئەگە ئىتتىرىشتىن ۋاز كېچىشى، بۇ ياردەملىرىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئۇچۇرىدا يەنە، «يەرشارىۋى يۇقۇمغا قارشى كۈرەش باشتا بولۇپ نۇرغۇن ساھەلەردە پۇقرالىرى تەرىپىدىن ئۇتۇقلۇق ئىش قىلالماسلىق بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان ماكروننىڭ تۈركىيەگە قارشى سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق كۈنتەرتىپنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇشى، سىياسىي ئاجىزلىقنىڭ ناماياندىسىدۇر. ماكروننىڭ قىلىدىغىنى، تۈركىيەنىڭ ئورنىنى توغرا مۆلچەرلەپ ئۇنىڭغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىشتۇر» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر