ئەردوغان خەلقئارالىق كۆچ فىلىملىرى فېستىۋالىدا مۇھىم سۆز قىلدى

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «ئىمكانىيەتلىرى بىزدىن نەچچە ھەسسە ياخشى دۆلەتلەر، مۇساپىرلارغا قارىتا سانىنى ئونلارچە دېگىلى بولىدىغان سان چەكلىمىلىرىنى قويغان ۋاقىتتا، بىز ئىرقىي، دىن، تىل ۋە ئېتنىك ئايرىمىچىلىقى قىلماستىن ھەممە كىشىگە قۇچاق ئاچتۇق» دېدى.

1440595
ئەردوغان خەلقئارالىق كۆچ فىلىملىرى فېستىۋالىدا مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋىدېئو كونفېرانىس شەكلىدە قاتناشقان خەلقئارالىق كۆچ فىلىملىرى فېستىۋالىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى.

ئۇ فېستىۋالنىڭ كىنوخانا ئارقىلىق كۆچ ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى قايتىدىن چۈشىنىشكە، كۆچنىڭ ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادىي ئامىللىرى توغرىسىدا ئوخشىمايدىغان قاراشلارنى پەيدا قىلىشقا پايدىلىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بۈگۈن دۇنيا مىقياسىدا 260 مىليونغا يېقىن كۆچمەن، 71 مىليونغا يېقىن يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان كىشىلەر ۋە 25 مىليوندىن ئارتۇق پاناھلىق تىلىگۈچى بار. كىشىلەر پەقەت ياخشى ئىش، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ھايات قېلىش، قورساقلىرىنى تويغۇزۇش ئۈچۈن كۆچىدۇ. ئورتاقلىشىشنىڭ بەرىكىتىگە، ھەمكارلىقنىڭ كۈچىگە ئىشەنگەن مەدەنىيەتكە تەۋە كىشىلەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ھېچكمىگە ئايرىمىچىلىق قىلمىدۇق. ئىمكانىيەتلىرى بىزدىن نەچچە ھەسسە ياخشى دۆلەتلەر، مۇساپىرلارغا قارىتا سانىنى ئونلارچە دېگىلى بولىدىغان سان چەكلىمىلىرىنى قويغان ۋاقىتتا، بىز ئىرقىي، دىن، تىل ۋە ئېتنىك ئايرىمىچىلىقى قىلماستىن ھەممە كىشىگە قۇچاق ئاچتۇق. ئۆز پۇقرالىرىمىزغا قايسى ئىمكانىيەتلەرنى سۇنغان بولساق، دۆلىتىمىزدە پاناھلانغان مەزلۇم ۋە ئاجىزلارغىمۇ ئوخشاش ئىمكانىيەتلەرنى سۇندۇق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر