تۈركىيە پۇقراسى بىر بالا بىمار تۈركمەنىستاندىن جىددىي قۇتقۇزۇش ئايروپىلانى بىلەن ئېلىپ كېلىندى

دىئابىت ۋە گىدروسىفال كېسىلىگە دۇچار بولغان تۈركىيە پۇقراسى 9 ياشلىق بىر بالا تۈركمەنىستاننىڭ پايتەختى ئاشخاباتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش ئايروپىلانى بىلەن تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىندى.

1440710
تۈركىيە پۇقراسى بىر بالا بىمار تۈركمەنىستاندىن جىددىي قۇتقۇزۇش ئايروپىلانى بىلەن ئېلىپ كېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىمارنى ئېلىپ ئاشخاباتتىن يولغا چىققان جىددىي قۇتقۇزۇش ئايروپىلانى بۈگۈن ئەتىگەن ئەنقەرە ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمىغا قوندى.

دىئابىت بىلەن مېڭە ئۇمۇرتقا نەيچىسى سۇيۇقلۇقىنىڭ كۆپىيىپ قېلىشى نەتىجىسىدە ھاسىل بولغان گىدروسىفال كېسەللىكىگە دۇچار بولغان ۋە 80 كۈندىن بۇيان ئاشخاباتتا جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە داۋالىنىۋاتقان 9 ياشلىق نىھال ناز ئايدىن، ئەسەنبوغا ئايدورۇمىدىكى تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى بىلەن ئەنقەرە شەھەر دوختۇرخانىسىدا يۆتكەلدى.

كىچىك ياشلىق بىمارنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يېتىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە ئايروپىلاننىڭ ئەنقەرەگىچە پەس ھالەتتە ئۇچۇپ كەلگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر