تۈركىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 22 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيەنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرىشى جەريانىدا، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 22 كىشى قازا قىلدى.

1440141
تۈركىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 22 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە يۇقۇم باشلانغاندىن بېرى جەمئىي قازا قىلغانلارنىڭ سانى 4927 گە يەتتى.

تۈنۈگۈن 41 مىڭ 112 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 1248 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.

ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 1312 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، ساقايغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 158 مىڭ 828 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر