تۈركىيە، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى (USCIRF) نىڭ تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى تەرىپىدىن تېررورلۇق نىشانلىرىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان «يولۋاس پەنچىسى» ۋە «بۇركۇت پەنچىسى» ھەرىكەتلىرىنى تەنقىد قىلىشى، تۈركىيەنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى.

1440139
تۈركىيە، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، «ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئىراقتا ماكان تۇتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى «بۇركۇت پەنچىسى» ۋە «يولۋاس پەنچىسى» ھەرىكەتلىرىگە قارىتا ئېلان قىلغان باياناتى، بۇ كومىتېتنىڭ يېڭى بىر تۇترۇقسىز بايانى بولدى» دېدى.

ھامى ئاقسوي، ئامېرىكا تەرىپىدىنمۇ «تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ ئېتىراپ قىلىنىدىغان پ ك ك نىڭ ئىراقتا ۋە قۇيرۇقچىلىرى بولغان PYD / YPG نىڭ  سۈرىيەدە بۆلگۈنچىلىك سىياسىتىنى ۋە تېررورلۇق ئۇسۇللىرىنى قوللىمىغان كۇردلارغا  شۇنداقلا باشقا رايون خەلقىگىمۇ قىلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرىۋاتقان بۇ ئورگاننىڭ كۆرمەسكە سېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «دۆلىتىمىزنىڭ تېرورلۇققا قارشى كۈرىشىنى تەنقىد قىلىشى ۋە PKK نىڭ تەتۈر تەشۋىقاتىغا ۋاستە بولۇپ بېرىشى، ئەڭ ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، تولىمۇ نومۇسسىزلىقتۇر » دېدى.

ھامى ئاقسوي، «دائېشقا قارشى كۈرەشنى سۇيىئېستېمال قىلىپ، سىنجارغا ئورۇنلاشقان PKK نىڭ بېسىمى سەۋەبىدىن ئون مىڭلارچە ئەزىدىينىڭ ئۆي – ماكانلىرىغا قايتىپ كېلەلمىگەنلىكى، قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ بولسا، تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ زۇلمىغا ئۇچرىغانلىقى، بۈگۈنكى كۈندە ئەزىدىيلەر ۋە يەرلىك مەسئۇللار تەرىپىدىنمۇ كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىنگەن بىر ھەقىقەتتۇر.  ئارامىيلەرمۇ سىستېمىلىق  شەكىلدە بۇ تېرورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن زۇلۇمغا ئۇچرىماقتا. مەكتەپلىرى تېرورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن تاقىۋېتىلمەكتە. پەرزەنتلىرى مەجبۇرىي ھالدا قوراللاندۇرۇلماقتا ۋە ئائىلىلىرىدىن ئايرىۋېتىلمەكتە. ئەپسۇسكى، ئاتالمىش ​​كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار ھازىرغا قەدەر رايوندا يۈز بېرىۋاتقان بۇ ھەقىقەتلەرنى كۆرمەسكە ۋە ئاڭلىماسقا سالماقتا. ئەھۋال شۇنداق تۇرۇغلۇق، بۇ ئورگاننىڭ پاكىتلارنى بۇرمىلاش ئارقىلىق تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ دۇمباقچىلىقىنى قىلىشىنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر