«ئالاھىدە قىسىملىرىمىز تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلماقتا»

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئالاھىدە قىسىملارنىڭ «پەنجە – قاپلان» ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1439034
«ئالاھىدە قىسىملىرىمىز تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلماقتا»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملىشىۋاتقان <پەنجە – قاپلان> ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە تېررورچىلارغا ئىز قوغلاپ ئەجەللىك زەربە بېرىۋاتقان قەھرىمان ئالاھىدە قىسىملىرىمىز، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھافتانىن رايونىدىكى پاناھ جايلىرى، ئۇۋىلىرى ۋە غارلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر