ب د ت تارىخىدا تۇنجى قېتىم بىر تۈرك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) تارىخىدا تۇنجى قېتىم بىر تۈرك ئومۇمىي كېڭەشنىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى.

1438118
ب د ت تارىخىدا تۇنجى قېتىم بىر تۈرك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ 75 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش باشلىقلىقىغا تۈركىيەنىڭ نامزاتى، باش ئەلچى ۋولقان بوزقىر سايلاندى.

193 دۆلەتنىڭ دائىمىي ۋەكىلى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ بىردىنبىر باشلىق نامزاتى بولغان بوزقىر، 178 دۆلەتنىڭ قوللىشى بىلەن ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 75 – نۆۋەتلىك باشلىقى بولدى.

بوزقىر، 15 – سېنتەبىردە ب د ت نىڭ 74 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشى باشلىقى تىججانى مۇھەممەد باندېدىن ئۆتكۈزۈۋالىدىغان ۋەزىپىسىنى 2021 – يىلىنىڭ سېنتەبىر ئېيىغىچە داۋاملاشتۇرىدۇ.

تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىگە مەسئۇل سابىق مىنىستىرى ۋە باش مۇزاكىرىچىسى بولغان بوزقىر، نۆۋەتتە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر