ۋابا سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 20 نىڭ ئاستىدا مۇقىملاشتى
تۈركىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) قارشى تۇرۇشىدا، ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم سانى ئىزچىل كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىندى.
1438073
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى كۈرىشىدە، ئۆلۈم سانى ئىزچىل تۆۋەنلىمەكتە. يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 19 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 4 مىڭ 861 بولدى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 52 مىڭ 901 كىشىنىڭ سالامەتلىكى تەكشۈرۈلدى ۋە 1 مىڭ 429 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى. 1 مىڭ 261 كىشىنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىشى بىلەن، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 154مىڭ 640 قا يەتتى.