تۈركىيە ھەيئىتى لىۋىيەنى تۇيۇقسىز زىيارەت قىلدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن ۋە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ھاكان فىداندىن تۈزۈلگەن ھەيئەت لىۋىيە پايتەختى تىرىپولىدا تۇيۇقسىز زىيارەتتە بولدى.

1438068
تۈركىيە ھەيئىتى لىۋىيەنى تۇيۇقسىز زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى بەرات ئالبايراك، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن، مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ھاكان فىدان قاتارلىق رەھبەرلەردىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت، لىۋىيە پايتەختى تىرىپولىنى زىيارەت قىلدى.

تۈركىيە ھەيئىتى لىۋىيە پايتەختى تىرىپولىدا باش مىنىستىر فايىز ئەسساراج بىلەن كۆرۈشتى.

لىۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچرىشىشلار توغرىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيە ھەيئىتى بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يوللىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، لىۋىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە لىۋىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خەلقئارالىق تىرىشچانلىقلار بىلەن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق رىشتىلىرىگە تايانغان ھالدا نۇرغۇن ئوخشىمىغان ساھەلەردىكى ھەمكارلىق مەسىلىلىرىنڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بئەسكەرتىلدى.

تۈركىيەنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ۋە خۇسۇسىي شىركەتلىرىنىڭ لىۋىيەدىكى ئۇل-ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا نېفىت ساھەسىدىكى خىزمەتلىرى ۋە سېلىنغان مەبلەغلىرى توغرىسىدىمۇ مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 2019-يىلى نويابىر ئېيىدا تۈزۈلگەن خەۋپسىزلىك ۋە ھەربىي ھەمكارلىق بىلەن دېڭىز ھوقۇقى تەۋەلىكلىرىنى بېكىتىشتە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغان كېلىشىملەرنىڭ ئىمزالانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، بۇ كېلىشىملەر ئارقىلىق لىۋىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە خەۋپسىزلىك كۈچىنى تەشكىللەشتە ھەمكارلىق ئورنىتىش، لىۋىيە خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنى تەربىيەلەش ۋە قوراللاندۇرۇش، دېڭىز تەۋەلىك ھوقۇقى مەسىلىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، بەرات ئالبايراك ۋە ئىبراھىم كالىن لىۋىيە دۆلەت ئالىي كېڭىشىنىڭ باشلىقى خالىد ئەلمەشرى بىلەنمۇ كۆرۈشتى.      



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر