تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى شەنتوپ «پەنچە - قاپلان» ھەرىكىتى توغرىسىدا بايانات بەردى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستافا شەنتوپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ شىمالىي ئىراقتا باشلىغان «پەنچە - قاپلان (يولۋاس)» ناملىق قۇرۇقلۇق ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدا بايانات بەردى.

1437585
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى شەنتوپ «پەنچە - قاپلان» ھەرىكىتى توغرىسىدا بايانات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ ئىجتىمائىي تاراتقو تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھافتانىن رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان «پەنچە – قاپلان» توغرىسىدا بايانات بېرىپ، «رايونىمىزدا تىنچلىقنىڭ ئورنىتىلىشى ئۈچۈن ھايات – ماماتلىق ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىمىز قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرۇلماقتا. جانابى ئاللاھ چېگرالىرىمىزنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى ۋە خەلقىمىزنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان قەھرىمان ئەسكەرلىرىمىزنىڭ ياردەمچىسى بولسۇن» دەپ يازدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۈگۈن كېچە بايانات بېرىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تېررورچىلارنىڭ شىمالىي ئىراقتىكى ئۇۋىلىرىنى بىتچىت قىلىپ تاشلاش مەقسىتىدە قۇرۇقلۇقتىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنى باشلىغانلىقىنى «پەنچە – قاپلان (يولۋاس) ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى. قەھرىمان كوماندىرلىرىمىز ھافتانىندا» دېگەن سۆزلەر ئارقىلىق جامائەتچىلىككە ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر