تۈركىيە 1915 - يىل ۋەقەلىرىنىڭ سۇيىئىستېمال قىلىنىشىغا تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئالىي مەسلىھەت كېڭىشى، 1915 – يىل ۋەقەلىرى توغرىسىدا تۈركىيەگە قارشى ئاساسسىز (ئاتالمىش ئىرقىي قىرغىنچىلىق) دەۋالىرىغا قارىتا تاشلىنىدىغان قەدەملەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

1437360
تۈركىيە 1915 - يىل ۋەقەلىرىنىڭ سۇيىئىستېمال قىلىنىشىغا تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلغان جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئالىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنى توغرىسىدا جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن بايانات بەردى.

فاھرەتتىن ئالتۇن، يىغىندا، 1915 – يىل ۋەقەلىرى توغرىسىدا تۈركىيەگە قارشى ئاساسسىز دەۋالارغا قارىتا تاشلىنىدىغان قەدەملەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ۋە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ، بۇرمىلانغان تارىخىي ۋەقەلەردىن پايدىلىنىپ تېرىشقا كۈچ چىقىرىلىۋاتقان ئۆچمەنلىك ئۇرۇقلىرىنىڭ ھەقىقەت تۇپرىقىدا بىخلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

يىغىندا، پۈتكۈل ئوسمانلى (ئىمپېرىيەسى) پۇقرالىرىغا نىسبەتەن مۇشەققەت ۋە ئازاب – ئوقۇبەتلەرگە تولغان ھالدا ئۆتكەن بىر دەۋرنىڭ ھەرخىل كۈچلەر تەرىپىدىن توقۇپ چىقىلغان يالغان ۋە تۆھمەتلەرگە ئاساسەن سىياسىي غەرەزلەر ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان سىياسەتلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئالتۇن سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «تۈركىيەنى ۋە خەلقىمىزنى قارىلاش ئۈچۈن 1915 – يىل ۋەقەلىرىنى ماتا قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان ئەرمەن لوبىسىنىڭ ۋە بۇ مەسىلىنى سىياسىي غەرەزلەر بىلەن سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ، ئاساسسىز دەۋالارغا ئاساسەن ئېلىپ بارغان تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان كەڭ دائىرىلىك قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىنغان يىغىندا، مەسىلىنىڭ تارىخىي ۋە قانۇنىي تەرەپلىرىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىككە ھەقىقىي ھالىتى بويىچە بايان قىلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان لايىھە ۋە پائالىيەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر