شەنتوپ: تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىمىز ئىزچىل داۋاملاشماقتا

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتۇپ تۈركىيەنىڭ رايونىدا تىنچلىق ئورنىتىلىشىدا ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1437780
شەنتوپ: تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىمىز ئىزچىل داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەنتوپ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھافتانىن رايونىغا قارىتا داۋاملىشىۋاتقان «پەنچە – قاپلان ھەربىي ھەرىكىتى» توغرۇلۇق ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «رايونىمىزدا تىنچلىق ئورنىتىلىشىدا ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىمىز ئىزچىل داۋاملاشماقتا. جانابىي ئاللاھ، چېگرالىرىمىزنى قوغداش ۋە خەلقىمىزنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان قەھرىمان ئەسكەرلىرىمىزنىڭ ياردەمچىسى بولسۇن!»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر