ئەتە نىيۇ يوركتىن ئىستانبۇلغا مەخسۇس ئايروپىلان ئۇچىدۇ

تۈركىيەنىڭ نىيۇ يوركتىكى كونسۇلخانىسى تۈركىيە ھاۋا يوللىرىنىڭ ئەتە (2020-يىلى 17-ئىيۇن) نىيۇ يوركيىن ئىستانبۇلغا مەخسۇس ئايروپىلان سەپىرى قويىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1437150
ئەتە نىيۇ يوركتىن ئىستانبۇلغا مەخسۇس ئايروپىلان ئۇچىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن ئامېرىكادا قايتالماي تۇرۇپ قالغان تۈركىيە پۇقرالىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن مەخسۇس ئايروپىلان سەپەرلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

تۈركىيەنىڭ نىيۇ يوركتىكى كونسۇلخانىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشىدا: «2020-يىلى 17-ئىيۇن نىيۇ يورك ۋاقتى 18:45 تە، < JFK> ئايرودۇرۇمىدىن تۈركىيە ھاۋا يوللىرىنىڭ <TK4902> سەپەر نومۇرلۇق ئايروپىلانى ئىستانبۇلغا ئۇچىدۇ» دېيىلدى.

بېلەتلەرنى تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئالاقىلىشىش مەركىزى ۋە «nycinfo@thy.com» ئېلىخەت ئادرېسىدىن تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ نىيۇ يوركتىكى ئىشخانىسىدىن سېتىۋالغىلى بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئۇقتۇرۇشتا، ۋۇخەن ۋىرۇسى ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن ياكى بۇنىڭدىن بۇرۇن ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەرنىڭ، يولۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكى نۇقتىسىدىن بېلەت سېتىۋالالمايدىغانلىقى ئالاھىىدە ئەسكەرتىلدى.

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى 2020-يىلى 15-مايدىمۇ نىيۇ يورك ۋە چىكاگودىن، 16-مايدا بولسا خوستوندىن، 17-مايدا مىئامىدىن تۈركىيە پۇقرالىرىنى قايتۇرۇپ كەلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر