تۈركىيە بىلەن ب د ت ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ تۈركىيەدە ياشلار مەركەزلىرىنى قۇرۇپ چىقىدۇ
تۈركىيەدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) بىلەن ھەمكارلاشقان ھالدا ئۈچ تۈر بويىچە ياشلار مەركىزى قۇرۇپ چىقىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا ياشلار مەجلىسلىرى بىرلىكى باشلىقى سامەد ئاغىرباش، تۈنۈگۈن ب د ت بىلەن تۈركىيەگە ئۈچ تۈردە ياشلار مەركىزى قۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
ئۇ، قۇرۇلىدىغان ئۈچ ياشلىق مەركىزىنىڭ ئاساسىي تېمىسىنىڭ ئىجادىي يېڭىلىق ۋە تەشەببۇسكارلىق، ئېتنو-تەنتەربىيەلەر ۋە كۈلتۈرلەر بىلەن مۇھىت ۋە شەھەرچىلىك بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ياش نوپۇسقا ئىگە تۈركىيەدە ياشلارغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنىڭ خېلىلا يۇقىرى سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئاغىرباش، تۈركىيەنىڭ ياشلار دىپلوماتىيەسىدە لىدېر دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدىغانلىقىنى ۋە ئىشقا ئاشۇرۇلغان كۆپلىگەن تەنتەربىيە تۈرلىرىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا غۇلغۇلا پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ، قۇرۇلىدىغان مەزكۇر ئۈچ مەركەزدە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئىشلارنى قىلىدىغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
خاقان فىدان بۈگۈن باغدادتا زىيارەتتە بولىدۇ
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بۈگۈن ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادقا بارىدۇ.