8 – د گۇرۇھى 23 ياشقا كىردى

سابىق باش مىنىستىر نەجمەتتىن ئەرباقان رەھبەرلىكىدە «ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پاراۋانلىقى ۋە ھۇزۇرىنى يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش» مەقسىتىدە 1997 – يىلى قۇرۇلغان تەرەققىي قىلىۋاتقان 8 دۆلەت (8 – د گۇرۇھى) ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 23 ياشقا كىردى.

1436748
8 – د گۇرۇھى 23 ياشقا كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە، نىگېرىيە، مىسىر، پاكىستان، ھىندونېزىيە، ئىران، مالايشىيا ۋە باڭلادېش قاتارلىق دۆلەتلەر ئەزا بولغان 8 – د گۇرۇھى، دىپلوماتىيە سىياسىتىدە (تەرەققىي تاپقان 7 دۆلەت) 7 – گ گۇرۇھىغا قارشى تەرەققىي قىلىۋاتقان مۇسۇلمانلار ئەللەرنى بىر يەرگە جەم قىلىش مەقسىتىدە بۇنىڭدىن 23 يىل بۇرۇن ئېلان قىلىندى.

ئىستانبۇلدا 1997 – يىلى 15 - ئىيۇن كۈنى چاقىرىلغان ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىندا ئىستانبۇل خىتابنامىسى ئارقىلىق قۇرۇلغان 8 – د گۇرۇھى، ئەزا دۆلەتلەر ئارا سودا ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىدىغان بىر تەشكىلاتتۇر.

بىر مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە مۇسۇلمان 8 دۆلەتنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا تۈركىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە قۇرۇلغان 8 – د گۇرۇھى، پىرىنسىپلىرى ۋە ئۆزىنىڭ جۇغراپىيەلىك ساھەسىدە رايونلۇق بولۇشتىنمۇ بەكرەك خەلقئارالىق تەشكىلات ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.

8 – د گۇرۇھىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى 2017 – يىلدىن بۇيان تۈركىيە ئۆتەپ كەلمەكتە. باڭلادېشنىڭ ساھىبخانىلىقىدا بۇ يىل چاقىرىلىشى پىلانلىنىۋاتقان 10 – نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىدا، نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى باڭلادېش ئۆتكۈزۈۋالىدۇ.

بۇ ئارىلىقتا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 8 – د گۇرۇھى تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 23 – يىللىقىنى تەبرىكلەپ ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «8 – د گۇرۇھى ئۇرۇشنىڭ ئورنىغا تىنچلىقنىڭ، توقۇنۇشنىڭ ئورنىغا دىيالوگنىڭ، قوش ئۆلچەمنىڭ ئورنىغا ئادالەت ۋە تەرەققىياتنىڭ، ئۈستۈنلۈكنىڭ ئورنىغا باراۋەركلىكنىڭ، جاھانگىرلىكنىڭ ئورنىغا ئورتاقلىشىشنىڭ، بېسىم – زۇلۇم - سىتەم ۋە زورلۇق – زومبۇلۇقنىڭ ئورنىغا كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەنىڭ ھۆكۈم سۈرۈشىنى شوئار قىلغان بىر تەشكىلاتتۇر. 8 – د گۇرۇھى مەنپەئەتلەر ئەتراپىدا بىر يەرگە جەم بولغان بىر تەشكىلات ئەمەس، ئەكسىچە،  ئادىل، ھۇزۇرلۇق ۋە ۋەزىيىتى مۇقىم بىر دۇنيا بەرپا قىلىشتەك ئۇلۇغۋار نىشاننى بويلاپ يولغا چىققان بىر تەشكىلاتتۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر